بەش شېئىر

تاھىر ھامۇت ئىزگىل

ئاياللار تۈرمىسى 

كۈزنىڭ رەڭگى ئېلىشمان ئىدى
بۇ رەڭلەر يولدا كېتىۋاتقان بىزنىڭ كىيىملىرىمىزگە يۇقاتتى 
يول بويىدىكى سېغىز ئېرىقتا 
خۇدانىڭ سوغۇق سۈيى ئېقىۋاتاتتى 
تۆشۈك غازاڭلار سۇ يۈزىدە قېيىپ قالغانىدى        
ئاددى بىر چوڭ قورۇ بىزنىڭ ئالدىمىزدىن ئۆتتى 
قورۇ دەرۋازىسى ئۈستىدىكى قىزىل چىراق شەيتاندەك نۇر چاچاتتى    
بۇ ئاياللار تۈرمىسى ، دەپ قولى بىلەن كۆرسەتتى
يېنىمدىكى قاسىمجان  
مېنى لىق ئاياللار بار كامىرغا سولاپ قويسا ياق دېمەيتىم ،  
دەپ ھىجايدى ئۇنىڭ دوستى روزاخۇن  
زېمىننىڭ تېنى پارچە ـ پۇرات ئىدى
يوللار ئۇلارنى بىر ـ بىرىگە چاتاتتى  
تاغ تەرەپتىن
سوغۇق ھاۋا ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىنى باشلاپ كېلىۋاتاتتى  
مېنى تۇيۇقسىز تىترەك باستى

           2015 - يىلى1 - نويابىر، قەشقەر 




سىلەرگە ناتونۇش يەر 

بۇ يەردە ئەسلىدە يۇقۇملۇق ئىسىملار يوق ئىدى ،
بىز بار دېدۇق ، بار بولدى.
بۇ يەردە ئەسلىدە يىلتىزلىق قۇملار يوق ئىدى ،
بىز بار دېدۇق ، بار بولدى .
بۇ يەردە ئەسلىدە تېمىپ تۇرىدىغان ۋاقىتلار يوق ئىدى،
بىز بار دېدۇق، بار بولدى.
بۇ يەردە ئەسلىدە كۆپىيىدىغان يالغۇزلۇقلار يوق ئىدى، 
بىز بار دېدۇق، بار بولدى.
بۇ يەردە ئەسلىدە مىڭ كۆزلۈك ئاسمانلار يوق ئىدى،
بىز بار دېدۇق، بار بولدى.
بۇ يەردە ئەسلىدە سەرگەردان ئۇنۇتۇشلار يوق ئىدى،
بىز بار دېدۇق، بار بولدى. 
 
ئەمما بىز ھېچنەرسىنى يوق ئىدى دەپ يوق قىلالـمىدۇق،
ھەتتا بار قىلغانلىرىمىزنىمۇ.

            2016 - يىل24 - فېۋرال، ئۈرۈمچى




ئاپتاپسىنىش

ھازىر ئوڭ قولۇم ھاۋانى تۇتالمايۋاتىدۇ
ئۇنىڭ جېنى چىقىۋاتقان بولسا كېرەك
ۋە بالكوندا قۇياش پىرقىراپ چۆرگىلەۋاتىدۇ

ئەمدى ھەرگىز بۇلاقنى تىلغا ئالمايمەن
بۇ مەيلى ياخشى بولسۇن ، مەيلى يامان
لېكىن، پەستىكى دەرەخلەردىن نۇر قايتىۋاتىدۇ

مەن مۇقەررەرلىكلەرنى يېنىمغا دۆۋىلەپ  قويدۇم
ئېھتىماللىقلارنى پەسكە تاشلىۋەتتىم
ئاندىن ئۆزۈمنى پۈتۈنلەي ئۆزۈم ئەتتىم!

ئەي ، يىراق ـ يېقىندىكى ئەقىلسىز مۇخلىسلار
ئەي ، بۇلۇتتۇن بۇلۇتقا سېۋەتتە سۇ توشىغۇچىلار
سۆھبىتىڭلارنى داۋام قىلىڭلار ۋە ئاپتىپىمنى توسماڭلار

            2018ـ يىلى 12ـ ماي، ۋېرجىنىيە




باشقا بىر يەردە

بۇ بەدرەڭ سۆزلەرنىڭ قورشاۋىدا،
بۇ چۇۋالچاق پەيتلەردە،
پىشانەمگە سىزىلغان بىر نىشان بەلگىسى ئۈچۈن
ئۆزۈمنى يەرگە ئېتىۋەتمىدىم،
ھەمدە
كېچە - كېچىلەپ
تونۇش چۈمۈلىلەرنىڭ ئىسمىنى
بىر - بىرلەپ ئاتاپ چىقتىم.

پۈتۈن تۇرۇشنى ئويلىدىم،
يول بويىدا ياكى باشقا بىر يەردە.
ھەتتا،
يىراققا قاراۋەرگەن قىيانىڭمۇ كۆزلىرى تالىدۇ.
ئەمما،
چۇۋۇلغان چاچلىرىڭنى خىيالىمدا ياسىدىم،
ئىككى بارمىقىمنى قايچا قىلىپ.
بىر ئوچۇم سۇنى كۆكسىڭگە سەپتىم،
يىراقتىكى ئورماننىڭ يانغىنىغا قارشى قويۇپ.

ئەلۋەتتە،
مەنمۇ يىراققا قاراپ
پەقەت بىردەملا تۇرالايمەن.

            2018- يىل 28 - ماي، ۋاشىڭتون




ئاچ ئەرۋاھ

پىشانىسىدا توپىنىڭ يۇقى بار

مايماق ئېغىزىنى ئوقۇدۇم

تۆشۈك كۆزلىرىنى سۆزلىدىم

مۇزدەك قوللىرىنى تىڭشىدىم

ھەمدە ھاياتىنى تولۇق بىر قېتىم ياشىدىم

ئېچىرقىغان ھالدا

ئىككىلىنىپ تۇرۇپ

تاپانلىرىدا تاشنىڭ ئىزى بار

            2020 - يىل 12 - فېۋرال، فېيرفەكىس



Click here for poetry by Tahir Hamut, translated from the Uyghur by Joshua L. Freeman, in our Winter 2017 issue, and here for poetry by Merdan Ehet'éli, also translated from the Uyghur by Joshua L. Freeman, in our Fall 2015 issue.